Uyghur←Chinese主要词典
رىم قانۇنلىرى
دۇنيا تارىخى
罗马法
luó mǎ fǎ
قەدىمكى رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىدىكى قانۇنلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى. رىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما قانۇنلىرى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈزۈلگەن 12 مىس تاختا قانۇنى، شۇنداقلا بۇرۇنقى تۈرلۈك ئادەت قانۇنلىرىنىڭ توپلىمى. رىم دۆلىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇلدارلار سىنىپى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مال مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇننىڭ مەزمونى ۋە قائىدىلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغان ۋە سېستىملاشتۇرغان.پۇقرالارنىڭ ئەرز ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان چوڭ سودىيىلەر (كېسىم ھۆكۈم قىلغۇچىلار) ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش، چىقارغان ھۆكۈم، سېنات ۋە ترىبۇس (پۇقرالار كېڭىشى) ماقۇللىغان تۈرلۈك قارارلار جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قانۇنلارنىڭ مەنبەسى بولغان. پەقەت رىم پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەرلا قانۇننىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ چاغدىكى قانۇنلار <پۇقرالىق قانۇنى> ياكى <شەھەر خەلقى قانۇنى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە، رىم ئىتالىيەنى بويسۇندۇرغان ھەمدە سىرتقا قارىتا كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىك قىلغان، بارغانسېرى كۆپلىگەن غەيرىي رىملىقلار رىم ئاھالىسىگە ئايلانغان، <ئاۋام خەلق قانۇنى> ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن؛ ئۇ ئەمەلىيەتتە رىم ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىدىكى <خەلقئارا قانۇن> بولۇپ، رىملىقلار بىلەن غەيرىي رىملىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمىرپەرمانلىرى قانۇنىڭ مۇھىم مەنبەسى قىلىنغان. پادىشاھ ئاۋگۇستتىن باشلاپ مىلادىدىن Ⅲ ئەسىرگىچە رىمنىڭ قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى ناھايىتى تەرەققى تاپقان، پادىشاھ داڭلىق قانۇنشۇناسلارغا قانۇننى ئىزاھلاش ئىمتىيازىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل قانۇن تەلىماتلىرى ۋە ئېقىملىرى بارلىققا كېلىپ، رىم قانۇنىنىڭ مەزمونى كېڭەيتىلگەن. ئادەتتە پاپىنىئان، پاۋىل، گېللىي، ئۇلپىئان، مودېستىن (مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى) دىن ئىبارەت بەش چوڭ قانۇنشۇناس ئۆتكەن، دەپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 212 - يىلى پادىشاھ كاراكاللې پەرمان ئېلان قىلغان (ئىمپىرىيىنىڭ پۈتۈن ئەركىن كىشىلىرىگە پۇقرالىق ھوقۇقى بەرگەن)، رىملىقلار بىلەن رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى غەيرىي رىملىقلارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى پەرقى تەدرىجىي يوقالغان، <پۇقرالار قانۇنى> بىلەن <ئاۋام خەلق قانۇنى> ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق قالمىغان. ئىمپىرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتى ئالدىنقى مەزگىلدىكىدەك كەڭ ئەۋج ئالمىغان، ھەرقايسى خاندانلىقلارنىڭ پادىشاھلىرى قانۇنلارنى رەتلەش ۋە قانۇن تۈزدۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان،رىم قانۇنلىرى سېستىمىسى ئاساسىي جەھەتتىنشەكىللەنگەن. رىم قانۇنلىرى پرىنسىپ جەھەتتە دۆلەت قانۇنى بىلەن خۇسۇسىي قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى خۇسۇسىي قانۇن قىسمى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ كېيىنكى دەۋرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زوربولغاچقا، تەتقىقاتچىلار ھەربىر رىم خۇسۇسىي قانۇنىنى رىم قانۇنىنىڭ ئوخشاش مەنىداش سۆزى قىلىپ ئىشلەتكەن. تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر راۋاجلانغان شارائىتتا، ئېلىپسېتىش، قەرز پۇل ئېلىش، قەرز تۆلىتىش ھوقۇقى، قەرز تۆلەش، توختام، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە باشقا ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا چېتىشلىق بولغان ئىشلار ئۈستىدە رىم قانۇنلىرىدا تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. <ئۇ بىزگە مەلۇم بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان قانۇنلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى> (<ماركسئېنگلېس تاللانما ئەسىرلىرى>، 3 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 143 - بەت). رىم قانۇنلىرىدا، قۇللار قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي گەۋدەئادەم، دەپ ھېسابلانمىغان، كىشىلىك سالاھىيىتى، ھوقۇقى بولمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ خوجايىنىغا تەئەللۇق بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىردە شەرقىي رىم پادىشاھى يۇستىنسئان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> نى تۈزدۈرگەن، ئۇ <قانۇن> (قانۇن - پەرمانلار توپىمى)، <قانۇن - تەلىماتلار توپلىمى> (قانۇنشۇناسلارىڭ ئىزاھى)، <قانۇن بوسۇغىسى> (قانۇننى تەتقىق قىلىدىغان دەرسلىك< ۋە >ېڭى پەرمانلار< )شۇ زاماندىكى ئەمر - پەرمانلار بولۇپ، پاىدشاھ ئۆلگەندىن كېيىن تۈزۈلگەن( دىن ئىبارەت تۆت قىسمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى دەۋردىكىلەر ئاتاپ كېلىۋاتقان رىم قانۇنلىرى ئومۇمەن >دۆلەت قانۇن قامۇسى< نى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ياۋروپا ئەللىرىدىكى خۇسۇسىي قانۇنلارنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن؛ ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ناپولېئون تۈزدۈرگەن >فرانسىيە ھەق - تەلەپ قانۇنى< شۇنى مۇھىم ئاساس قىلغان.