Uyghur←Chinese主要词典
رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى
دۇنيا تارىخى
罗马的起源
luó mǎ de qǐ yuán
رىم شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، يۇنان يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسى كىچىك ئاسىيا بويىدىكى تروپا (يەنى ئېلئون) شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئېنېياس قېچىپ كېتىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئىتالىيىگە يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاتىئۇم رايونىدا ئالبا - لونگا شەھىرىنى قۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پادىشاھ بولغا. پادىشاھلىق نۇمىتورغا كەلگەندە، ئىنىسى ئامۇلىي پادىشاھلىق تەختنى تارتىۋالغان؛ئامۇلىي نۇمىتورنىڭ قىزى رېياسلۋىيەنى ئايال كاھىن بولۇشقا مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. لېكىن سىلۋىيە ئۇرۇش خۇداسى مارستىن قوشكېزەك ئاكا - ئۇكا تۇغقان، ئامۇلىي ئادەم ئەۋەتىپ بوۋاقلارنى تىبر دەرياسىغا تاشلاتقۇزۇۋەتكەن، بوۋاقلار دولقۇىنىڭ ئۇرۇشى بىلەن قىرغاققا چىقىپ قالغاندا، بىر چىشى بۆرە ئۇلارنى ئىمىتىپ بېقىپتۇ، كېيىن يەنە پادىچى ئەر - خوتۇن بېقىپتۇ، بالىلار ئاخىر ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇ؛ ئاكىسى رومۇل، ئىنىسى رېموس دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇلار ئامۇلىيىنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىپ، ئالبالونگا شەھىرىنى ۋە تەختنى قايتۇرۇۋالغانىكەن ھەمدە تىبر دەرياسى بويىدا يەنى ئۇلار تاشلىۋېتىلگەن ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغان يەردە بىر يېڭى شەھەر بىنا قىلغانىكەن. ئاكا - ئۇكىلار چىقىشالماي، رومۇل ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن يېڭى شەھەرنى رىم شەھىرى دەپ ئاتاپتۇ؛ رومۇل رىم <پادىشاھلىق دەۋرى> نىڭ تۇنجى پادىشاھى بوپتۇ. مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅰ ئەسىردە ئۆتكەن رىم يازغۇچىسى ۋارروننىڭ ھېسابلاپ چىقىشى بويىچە رىم شەھىرى مىلادىدىن 754 - 753 يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغان. قەدەىمكى رىملىقلار بۇ يىلنى يىلنامىنىڭ باشلىنىشى قىلغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيىسى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرى بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مايىل. ئەمەلىيەتتە رىم ئەڭ دەسلەپتە مىلادىدىن 1000 - 800 يىل ئىلگىرىلا تىئۇم رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن لاتىنلار (ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسپ) تىبر دەرياسى بويىدىكى پالاتىن قاتارلىق تۆپلىكتە قۇرغان مەھەللىۋى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغان. كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى تۆپىلىكلەردىكى سابىنىيانې قەبىلىلىرىنىڭ ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەدرىجىي كېڭىيىش بىلەن رىم شەھىرى بىنا قىلىنغان. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئاساسەن، رىمدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئاندىن شەھەرلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.