Uyghur←Chinese主要词典
رىم كېلىشىمنامىسى
دۇنيا تارىخى
罗马协定书
luó mǎ xié dìng shū
1934ىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتالىيە ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە بىلەن رىمدا ئىمزالىغان كلىشىم. كېلىشىمدە: ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈچ دۆلەت يېقىن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىنە ئىككى دۆلەتتە بەزى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئىگە قىلىنىدۇ؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۈچ دۆلەت مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرىدۇ، ھەربىي جەھەتتە ئىتالىيە ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئۇنى گېرمانىيىنىڭ يۇتۇۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاۋسترىيىدە ئىچكى توپىلاڭ يۈز بەرسە، ئىتالىيە ئارىلىشىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇ ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1936-يىلى 10-ئايدا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئاۋسترىيە توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان، <بېرلىن - رىم ئوق مەركىزى> (<بېرلېن - رىم - توكيو ئوق مەركىزى> گە قاراڭ) شەكىللەنگەن. كېلىشىمنامە كۈچتىن قالغان.