Uyghur←Chinese主要词典
رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى
领域: دۇنيا تارىخى国会纵火案
guó huì zòng huǒ àn
گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسى. 1933-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىسى، ناتسىستلار پارلامېنت بىناسىنى (رېيخىستاگنى) كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئەتىسى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى، پرۇسىي زۇڭلىسى گېرىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئوت قويۇش ۋەقەسى كومپارتىيىسىنىڭ قورالىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ سىگنالى دەپ تۆھمەت چاپلىغان. ناتسىستلار ھۆكۈمىتى جىددىي پەرمان ماقۇللاپ، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇغان، كومپارتىيە ۋە تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىنى مەنئى قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنى ھەدەپ قولغا ئالغان. شۇ چاغدا گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىيىسى دىمىتروۋ قاتارلىق كىشىلەرمۇ قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېىن يەنە گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەئىسى تېلمان قولغا ئېلىنغان. ناتسىست دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 12-ئايغىچە، لېيپسىگدا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى سوت ئۇيۇشتۇرغان. دىمىتروۋ سوتتا فاشىزمنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە جىنايىتى پاش قىلغان. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سوت نائىلاج ئۇنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。