Uyghur主要词典
رېيخبنباخ كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
1790-يىلى ئاۋسترىيە بىلەن پروسسىيە ئىمزالىغان كېلىشىم. 1789-يىلى پرۇسسىيە بېلگىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغانلىقى ۋە ئاۋستىريىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشتەك قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋستىريىنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتىشىنى ھەمدە گالىتسىيىنى پولشاغا بۆلۈپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن پولشادىن دانزىگنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ زېمىن قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئاۋسترىيە ئۇنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ بېسىمى بىلەن، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە 1790-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سېلسىيىدىكى رېيخېنباخدا كېلىشىم ئىمزالىغان، ئۇنىڭدا پرۇسسىيە ئاۋسترىيىگە قارىتا تېررىتورىيە تەلىپىدىن ۋاز كېچىش ھەمدە ئاۋسترىيىنىڭ بېلگىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ ئاۋسترىيە تۈركىيىگە قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتىش ھەمدە ئىشغال قىلىۋالغان تۈركىيە زېمىنىدىن ۋاز كېچىش، ئۇرۇشتىن ئاۋالقى ھالەتنى ئەسلىەە كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم پۇرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان ھەمدە كېيىنكى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قۇرشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.