Chinese→Uyghur主要词典
日泰同盟条约
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە - تايلاند ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى
<ئون يىللىق ئىتتىپاقىلىق شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1941 - يىلى 21 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ياپونىيە بىلەن تايلاند ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. ئاساسىي مەزمونى: تايلاند ئارمىيىسى قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تايلاند زېمىنىدىن تىنچ ئۆتۈۋېلىشىغا يول قويۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىدە بىر مەخپىي كېلىشىمنامىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپونىيە تايلاندقا ⅩⅨ ئەسىردە ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى ئېلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، تايلاند ئۇرۇش داۋامىدا ياپونىيىگە ياردەملىشىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىش بەلگىلەنگەن. 1942 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تايلاند ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى لۇەن پىۋېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىپ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مالىيە مىنسىتىرى ھۆكۈمەتتىن چىقىپ كەتكەن.