Uyghur←Chinese主要词典
رېينائۇد
دۇنيا تارىخى
雷诺
léi nuò
(1878 - 1966)، فرانسىيە زۇڭلىسى (1940). 1919-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. مالىيە مىنىستىرى (1930 -، 1938 - 1940)، مۇتەملىكىلەر مىنىستىرى (1931 - 1932)، ئەدلىيە مىنىستىرى (1932، 1938-) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1932-) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. دېگولل ئوتتۇرىغا قويغان برونىۋىك قىسىملارنى راۋجلاندۇۇرش پىلانىنى قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن، فرانسىيە خەۋپ ئاستىدا قالغان چاغدا، شىمالىي ئافرىقىغا يۆتكىلىپ بېرىپ، داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستېپا بەرگەن. كېيىن گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1948-يىلى مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1953-يىلى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان. بەشىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە، دېگوللنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارشى مەيدانىدا تۇرغان.