Chinese→Uyghur主要词典
日莲
دىن
rì lián
佛
بۇددا دىنى
نىچىرېن، راھىب نىچىرېن
دۇنيا تارىخى
نىچىرېن
(1222 -1282) ياپونىيە بۇددا دىنى نىچىرېن مەزھىپىنىڭ پېشىۋاسى. ئابو (ھازىرقى چىبا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى) دا تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئابورنىڭ ىيوسۇمى تېغىغا چىقىپ، تىيەنتەي سۈلۈكىدىن تەلىم ئالغان. 16 يېشىدا ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن. ئىسمى رېنناگا ئىدى، ئۇزاققىچە كاماگۇرا، ھېزان، كوياسان قاتارلىق جايلاردا ئىستىقامەت قىلغان. <ساندارما يوندارىكا سۇترا> دىن بۇددادىنىنىڭ مېغىزىنى ئۆزلەشتۈرگەن. 1253-يىلى كىيوسۇمى تېغىغا قايتىپ كېلىپ <ناماس ساددارما پۇندارىكا سۇترا> نى قىرائەت قىلىپ، نىچىرېن مەزھىپىنى ياراتقان. زېمىن بېگى توجۇكا گېنوبۇ تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلىپ، كاماكۇراغا بېىرپ، كوچىلاردا <ساندارما پۇندارىكا سۇترا> دىن ۋەز ئېيتقان ھەمدە باشقا كونا يېڭى مەزھەپلەرنى تەنقىد قىلغان. شوگنات ۋە ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارىماي، كانتودىكى ئادەتتىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودا - سانائەتچىلەر ئارىسىدا دىن تارقاتقان. 1260-يىلى <ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇش توغرىسىدا> نى يېزىپ چىقىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھوجوتوكىيورىغا تەقدىم قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توكىيورى بۇنىڭغا ئېتىبار قىلمىغان. ھەرقايسى مەزھەپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شوگناتنى تەنقىد قىلغانلىقتىن، ئىزۇغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1268-يىلى ھۇجۇتوكىمۇنېغا مەكتۇپ سۇنۇپ، موڭغۇللار قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ھۇجۇتوكىمۇنې ئاڭلىمىغان. كېيىن سادوغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1274-يىلدىن باشلاپ كاي (ھازىرقى ياماناشى ناھىيىسى) نىڭ مىنوبۇسان تېغىدا تەركىدۇنيا بولغان. <نەزەر دائىرىسىنى يورۇتۇش كىتابى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.