Chinese→Uyghur主要词典
日俄协约
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە - روسىيە سۈلھ كېلىشىمى
ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئاشكارا ياكى مەخپىي سىياسىي كېلىشىم، ئىلگىرى - كېيىن تۆت قېتىم ئىمزالانغان. (1) 1907 - يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياپونىيىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھوننۇئىچىرو (1862 - 1918) بىلەن چارروسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىزوۋولىسكىي (1856 - 1919) پېتېربۇرگدا ئىمزالىغان. ئىككى دۆلەت شەرقىي ئاسىيانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ۋە جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئاشكارا جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەخپىي شەرتنامىدە ياپونىيە روسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ شىمالىدىكى ۋە تاشقى موڭغۇلىيىدىكى ئالاھىدە مەنپەئىتىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقى، روسىيە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋە چاۋشيەندىكى ئالاھىدە مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بەگىلەنگەن. (2) 1910 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنىلا ھوننو بىلەن ئىزۋولىسكىي ئىمزالىغان. ئامېرىكا مانجۇرىيە (جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال) تۆمۈريونى بىتەرەپ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ بۇ ئەھۋالنى ساقلاش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈريول مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشنى كېلىشىۋالغان. (3) 9121 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھوننو بىلەن چارروسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سازونوۋ (1860 - 1927) ئىمزالىغان. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ياپونىيە بىلەن روسىيە ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىنى ياپونىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە، غەربنى روسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە بۆلۈۋېلىشنى كېلىشىۋالغان. (4) 1916 - يىل 7 - ئاينىڭ3 - كۈنى، يەنىلا ھوننو بىلەن سازونوۋ ئىمزالىغان، ئىككى دۆلەت دۈشمەنلىشىش نىيىتىدىكى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ جۇڭگونى كونترول قىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇرۇش كېلىپ چىققان ھامان، بىر - بىرىگە ياردەمدە بولۇشنى كېلىشىۋالغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى شەرتنامىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.