Chinese→Uyghur主要词典
日丹诺夫
دۇنيا تارىخى
ژادنوۋ
(1896 - 1948) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. مارىئۇپول (ھازىرقى ژادنوۋ شەھىرى)دە مۇپەتتىش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشىۋېكلار)گە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەسكەرلەرئارىسىدا پارتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917 - 1918 - يىللىرى ئورالدا سوۋېت ھاكىمىيىتنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شادرىنىسكتا ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلدە، قىزىل ئارمىيىدە سىياسىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1922 - 1934 - يىللىرى سوۋېت كومپارتىيسى (بولشۋىكلار) تۆۋەن نوۋگورد ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە گوركىي رايونلۇق كومىتېتنىڭ سېكرىتارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لېنىنگرادئالدىنقى سەپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. 1944 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي سېكرىتارىياتىدا ئىشلەشكە يۆتكەلگەن. پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار كۆپ خىل ئەسەرلەرنى يازغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
rì dān nuò fū
ژدانوۋ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ژدانوۋ
سوۋېت ئىتتىپاقى ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ئازوف دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى بىلەن كالمىئۇس دەريا ئاغزىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئوكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ پورتى. بۇ شەھەر 1984 - يىلدىن ئىلگىرى <مارىئوپول> دەپ ئاتالغان. شەھەر ئاھالىسى 522 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ژدانوۋ 1779 - يىلى سېلىنغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كۆمۈر، ئاشلىق ئېكسپورت قىلىش پورتىغا ئايلانغان. ھازىر ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات سانائەت بازىلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدىكى پولات سانائەت ئورۇنلىرى يىلىغا 15 مىليون