Chinese→Uyghur主要词典
日本外史
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە غەيرىي رەسمىي تارىخى
ياپونىيە تارىخ كىتابى. راي سانيو تۈزگەن، 22 توم، بۇلاردا رېتى بويىچە ھېي جەمەتى، گېن جەمەتى، ھۇجۇ جەمەتى، كۇسۇننوكى جەمەتى، نىتتا جەمەتى، كېيىنكى ھۇجۇ جەمەتى، تاكېدا جەمەتى، ئوئېسۇگى جەمەتى، مورى جەمەتى، ئودا جەمەتى، تويوتومى جەمەتى، توكۇگاۋا جەمەتى، ئاخىرىدا توكۇگاۋا ئېمىتسۇ (0416 - 1651) بايان قىلىنغان. سىماچيەننىڭ ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇچە يازغان ھەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. 200 نەچچە خىل كىتابتىن پايدىلانغان. ساپ بولمىغان جايلار بولسىمۇ، راۋان يېزىلغانلىقتىن، 1836 - 1837 - يىللىرى (تېمپونىڭ 7، 8 - يىللىرى) ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان ناھايىتى كەڭ تارقالغان. جۇڭگودىمۇ كۆپ خىل نۇسخىسى بار.