Chinese→Uyghur主要词典
日本书纪
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە كىتابلىرى
ئەسلى ئىسمى <ياپونىيە خاتىرىلىرى>. ياپونىيىدە <قەدىمكى ۋەقەلەر خاتىرىسى> دىن كېيىنرەك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان تارىخنامە. مىلادى 681 - يىلى تېممۇ تېننو <پادىشاھلار خاتىرىسى ۋە قەدىمكى ۋەقەلەر> نى بېكىتىپ يېزىپ چىقىشنى بۇيرۇغان. 720 - يىلى شاھزادە تونېرى قاتارلىقلار تۈزۈپ چىقىپ، تېننو موتوماساغا تەقدىم قىلغان. 30 توم بولۇپ، ئەسلىدىكى سىستېمىلىق خەرىتە - بىر توم يوقىلىپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخىي خاتىرىلىرىنى تەقلىد قىلىپ، خەنزۇ يېزىقىدا يېزىپ چىققان. تارىخ ماتېرىياللىرىدىن <خان - پادىشاھلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى>، <ئالدىنقى دەۋردىن كونا سۆزلەر> دىن باشقا <ئىككى نوھاكا توكو كىتابى>، <نانىۋا يوشىئو ئەرلەر كىتابى>، <كورىيە سرامانى داشيەننىڭ ياپونىيە ئەسىرى>، <پېكچى خاتىرىلىرى> قاتارلىقلاردىن پايدىلانغان، ياپونىيە جىندەيلىرىدىن تيەننوجىتوغىچە بولغان رىۋايەت ۋە تارىخ خاتىرىلەنگەن، كاماكۇرا دەۋرىدە ئۇرابې كىتاسۇمى يازغان <ياپونىيە خاتىرىلىرىگە ئىزاھ>، ئېدو دەۋرىدە كوكۇكاۋاكۇ توكيو يازغان <ياپونىيە كىتابلىرى ھەققىدە ئومۇمىي دەلىل>، <كاۋامۇرا ھىدېنې يازغان >كىتابلارنى يىغىپ چۈشەندۈرۈش< ئومۇمەن مۇھىم ئىزاھ كىتابلىرى ھېسابلىنىدۇ.