Chinese→Uyghur主要词典
日本社会主义同盟
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە سوتسىيالىزم ئىتتىپاقى
ياپونىيە سوتسىيالىزم تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1920 - يىلى 12 - ئايدا دوستلار ئۇيۇشمىسى، ئىشەنچىلىك دوستلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى، يېڭى كىشىلەر ئۇيۇشمىسى، خەلقنى ئويغىتىش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى، پۇقرالار ئۇنىۋېرسىتېتى، مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ چىققان. قاتناشقانلار 1300 كىشى بولۇپ، سوتسىيالىزمچىلاردىن ساكاي توشخىكو، ياماكاۋاختوشى، ھۆكۈمەتسىزلىك تەرەپدارلىرىدىن ئوسۇگى ساكاي، كوندوكېنجى قاتارلىقلار مەركىزىي شەخسلىرى ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى تۇتۇق، ئىدىيىسى خىلمۇ خىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىلغار ئىشچىلار بىلەن سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم سىياسىي كۈرەش يولىغا مېڭىپ، ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. 1920 - يىلى 5 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.