Chinese→Uyghur主要词典
日本人民解放联盟
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى
ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگودىكى ياپونىيە ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلات. 1939 - يىلدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ئەسىرگ چۈشكەن بىر بۆلەك ئەسكەرلىرى جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيىسى ۋە 8 - ئارمىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، ئارقا - ئارقىدىن <ئويغىنىش ئىتتىپاقى>، <ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى> نى تەشكىللىگەن. 1942 - يىلى 8 - ئايدا، <ئويغىنىش ئىتتىپاقى>، <ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى> قاتارلىق ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، <جۇڭگودىكى ياپونىيىلىكلەر ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمىسى> نى قۇرۇپ چىققان. 1944 - يىلى 4 - ئايدا، بۇ بىرلەشمە <ياپونىيە خەلق ئازادلىق ئىتتىپاقى> دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇرۇشنى بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇش، ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ئەركىن، دېموكراتىك يېڭى ياپونىيە قۇرۇش قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيە ئارمىيىسىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى پارچىلاشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان. 1945 - يىلى 4 - ئايغا بارغاندا، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا جۇڭگودا جەمئىي 21 ياچېيكا قۇرۇلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان.