Chinese→Uyghur主要词典
日本劳动总同盟
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى
قىسقارتىلىپ باش ئىتتىپاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئاساسى دوستلار ئۇيۇشمىسى بولۇپ، 1921 - يىلى ھازىرقى ئىسمىنى قوللانغان. 1924 - يىلىدىن باشلاپ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى گۇرۇھ بىر - بىرى بىلەن قارشىلاشقان. 1925 - يىلى سولچىلار باش ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىپ، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەسلىھەتلىشىشى باھالاش ئۇيۇشمىسى (قىسقارتىلغان نامى <مەسلىھەتلىشىش باھالاش جەمئىيىتى>) نى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن باش ئىتتىپاقتا ماتسۇئوكا كوماكىچى (1888 - 1958) قاتارلىق ئوڭچىلار ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئىشچىلار ھەم كاپىتالىستلارنىڭ ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. پارتىيە پائالىيەت جەھەتتىمۇ ئەمگەكچى دېھقانلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ،ا ئاۋام سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1936 - يىلى <مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ئىتتىپاقى> (قىسقارتىلغان نامى <مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر>) بىلەن قوشۇلۇپ، <پۈتۈن ياپونىيە ئەمگەكچىلەر باش ئىتتىپاقى> (قىسقارتىلغان نامى <پۈتۈن ياپونىيە باش ئىتتىپاقى>) نى قۇرغان. 1940 - يىلى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.