Uyghur主要词典
رىفائىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈننىي مەزھىپىدىكى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، بۇنى سۈننىي مەزھىپىدىكى تەسەۋۋۇپچى ئەھمەد رىفائى (1106 - 1182) ئىراقتا قۇرغان، قادىرىيە پىرقىسىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىككىنچى چوڭ پىرقە ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، رىفائى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كىچىكىدىن تاغىسى، تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما مەنسۇر بەتايىخنىڭ قولدا تەربىيىلىنىپ، تەسەۋۋۇپچىلىققا دائىر نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولۇپ، تەقۋادار سوپىزمچى بولغان. باتىنىيە ۋە زاھىرىيە ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، فىقھە جەھەتتە شافىيەگە مەنسۇپ بولغان. رىفائى روھىي جەھەتتە تاۋلىنىشقا ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتقا زىيان يەتكۈزمەسلىكنى، روھنىڭ پاك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەل روھ ۋەھىي، غايىب، نۇر ۋە پەرىشتە چۈشكەن باغدۇر. رەزىل روھ ئىنساننى ئەقىلدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپ قارىدى. ئاللاغا مۇتلەق بويسۇنۇش، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش، نامرات ياشاش بىلەن نەپسىنى يىغىش ئاللا ۋىسالغا يېتىشنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. <ئەتتەرىق ئىلەللاھ> قاتارلىق كىتابلارنى يازدى. بۇ پىرقە بەسرەنى مەركەز قىلدى. مۇرىدلىرى ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بەزى جايلارغا تارقالدى. رىفائى ۋاپات بولغاندا مۇرىدلىرى 100 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى. خاتىرىلەردىن قارىغاندا، بۇ پىرقە ⅤⅩ - ⅣⅩ ئەسىرلەردە خېلى جانلانغان. دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە مۇرىدلار بىر - بىرىنىڭ مۈرىسىگە قوللىرىنى قويۇپ، چەمبەر ھاسىل قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ. دۈمبىنى دۈمبىگە تىرەپ سەكرىشىدۇ. شۇڭا <سۈرەنچى زاھىدلار> دېگەن نامى بار. ئۇلارنىڭ ئادەملىرى يىلان تۇتۇش بىلەن مەشھۇر. بەزىدە ھەر خىل سېرىك، سېھىرگەرلىك ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ. مەسلەن، يىلاننى تىرىك يۇتىدۇ. ئەينەك پارچىلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ. شىرغا مىنىدۇ. چوغ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. قۇلقىغا پىچاق تىقىدۇ. رىفائىيە پىرقىسى سۈرىيە، مىسىر، تۈركىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى رايونلارغا تارقىلىپ، بىر نەچچە تارماققا بۆلۈنگەن.