Uyghur主要词典
رەزگى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جۈدەپ ھالىدىن كەتكەن، خاراب بولغان.
بىر ئەبگار دىۋانە نان تىلىدى. رودۇ بىر يىگىت ماڭا سۆز تاشلىدى. ئۇ قىز بىر رەزگى قىز ئىكەنغۇ! سوكال يىگىتنىڭ قىزغا يارىمىقى تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بۇزۇلغان، چىرىگەن؛ كېرەكسىز، تاشلاندۇق، ئەسكى - تۈسكى.
ئەگەر سەن بەكمۇ يېنىك بولساڭ، ھايات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك ئېقىمى سېنى خۇددى رەزگى يوپۇرماقلاردەك ئېقىتىپ كېتىۋېرىدۇ.
پەس، ئىپلاس، رەزىل.
رەزگى دۈشمەنلەر شۇئان قانلار يۇتۇپ ئەجەل تاپتى.
ئۇلار بىلەن ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈپتۇ بەزمىلەر، ھاراق - نەشە، قىمارغا بېرىلىپ ئۇ رەزگىلەر.
ئىسكەتسىز، كۆرۈمسىز، سەت، پەس.
مېنىڭ ئۇنىڭ رەزگى چىرايىغا زادى قارىغۇم كەلمىدى.
كۈچسىز، زەئىپ، ئاجىز؛ جۈدەڭ، ئورۇق.
رەزگى ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. بۇغداي، شال، تېرىق قاتارلىقلارنىڭ ئىلغىنىپ قالغان دېنى.