Uyghur←Chinese主要词典
رەڭ ئاجرىتالماسلىق
پسىخولوگىيە
色盲
sè máng
بۇ خروماتىك رەڭلەرنى سېزەلمەسلىك ۋە پەرق ئېتەلمەسلىكتىن ئىبارەت. ئۇ «رەڭكورلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەنگىلىيە ئالىمى دالتون 1794 - يىلى «رەڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ ئالاھىدە پاكىتى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە رەڭ پەرق ئېتەلمەسلىك ھادىسىسى سۆزلەنگەن. دالتوننىڭ ئۆزىدە قىسمەن رەڭلەرنى پەرق ئېتەلمەسلىك كېسىلى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن رەڭ ئاجرىتالماسلىق تورلاراق تۇغما بولىدۇ، ئازراق قىسىمى كېيىن پەيدا بولىدۇ. رەڭ ئاجرىتالماسلىقنى دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. (1) ھەممە رەڭنى ئاجرىتالماسلىق؛ (2) قىسمەن رەڭلەرنى ئاجرىتالماس؛ (3) رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىز بولۇش. ھەممە رەڭنى ئاجرىتالمايدىغانلار يورۇقلۇق دەرىجىسىنى سېزىدۇ، ئەمما رەڭنى كۆرەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆزىنىڭ تور پەردىسىدىكى كولبىسمان ھۈجەيرىلەر ئاز ياكى ئۇلار ئۆز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ. پەقەت تاياقسىمان ھۈجەيرىلەرگە تاينىپلا يورۇقلۇقنى سېزىدۇ. قىسمەن ئاجرىتالمايدىغانلار، قىزىل بىلەن يېشىلنى ئاجرىتالمايدىغان، كۆك بىلەن سېرىقنى ئاجرىتالمايدىغان ئىككى خىل بولىدۇ. قىزىل بىلەن يېشىلنى ئاجرىتالماسلىق ئەۋلاد تاللاپ كېيىنكىلەرگە ئۆتىدۇ، ئەردە بولسا قىزى ئارقىلىق نەۋرىسىگە ئۆتىدۇ، ئەگەر دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ دادىسىدا بولسا، قىزىغا ئۆتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلاردا ئاز بولىدۇ. رەڭ ئاجرىتلماسلىقنى بالىسىغا قالدۇرىدىغان ئايالنىڭ ئۆزى رەڭ ئاجرىتالمايدىغان بولمايدۇ. قىزىل بىلەن يېشىلنى پەرق ئېتەلمەيدىغانلارنىڭ كۆزىگە قىزىل يېشىل ئاقۇش سېرىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ، كۆك بىلەن سېرىقنى پەرق ئېتەلمەيدىغانلارغا كۆك بىلەن سېرىق رەڭلەرنىڭ ھەممىسىلا كۈل رەڭ بولۇپ كۆرۈنىدۇ، رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىزلار تۈرلۈك رەڭلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈشى تۆۋەن بولىدۇ. يەنى، بەزىلىرىنىڭ قىزىل رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىز، بەزىلىرىنىڭ يېشىل رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىز بولىدۇ. ھەممە رەڭنى ئاجرىتالماسلىقتا ئەرلەر %0.003 نى، ئاياللار %0.002 نى تەشكىل قىلىدۇ. قىزىلنى ئاجرىتالماسلىقتا ئەرلەر %1 نى، ئاياللار %0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ، يېشىل رەڭنى ئاجرىتالماسلىقتا ئەرلەر %1.1 نى، ئاياللار %0.01 نى، قىزىل رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىزلىقتا ئەرلەر %1 نى، ئاياللار %0.02 نى، يېشىل رەڭنى پەرق ئېتىشى ئاجىزلىقتا ئەرلەر %4.9 نى، ئاياللار %0.38 نى تەشكىل قىلىدۇ.