Uyghur主要词典
رەۋىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. ئىش _ ھەرىكەتنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى.
رەۋىشداش.* رەۋىشلەر جۈملىدە، ئومۇمەن، ھالەت بولۇپ كېلىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يوسۇن، ئۇسۇل.
مېھمانلارنى قىزغىن رەۋىشتە كۈتۈۋالدۇق.* ئىشىمىز شۇ رەۋىشتە داۋام قىلىدى.* توختىخان خېلى رەۋىشى بار خوتۇن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يوليورۇق.
ئادەت، قىلىق، مىجەز:
رەسىم - يوسۇن، قائىدە:
2. كىچىك - چوڭغە مۇنداق رەۋىش خۇب ئەمەس،
ئىشتمەي سۆزۈمنى ساڭا ئەرزىمەس.
ئا. نىزارى، ن. زيائى.
3. قىلىپ ئىشلارىمدا ئول ئاگاھلىق،
ئۆتۈپ بۇ رەۋىشدە شەھەنشاھلىق.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
4. ئېرۇر ئالتىنچى ھازىرلىق بۇ ئىشىدە،
رىزا جويەندەلىقدۇر ھەر رەۋىشدە.
خىرقەتى.
ئىش:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قائىدە، يول، يوسۇن؛ يۈرۈش. مەسىلەن: رەۋىش قىلماق - يۈرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى، ھەرىكەت ۋە ھالەتلەرنىڭ بەلگىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا رەۋىشلەر ئىككىنچى لېكسىكىلىق مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ۋاقىت رەۋىشلىرى، ئورۇن رەۋىشلىرى، دەرىجە رەۋىشلىرى ۋە ھالەت رەۋىشلىرى دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھالەت، ئۇسۇل، تەرز، يوسۇن.
<تىل> شەيئىلەر ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتى، ئورنى، ئۇسۇلى، ھالىتى، سۈپىتى ۋە شەيئىلەر بەلگىسىنىڭ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى.
ۋاقىت رەۋىشى. ھالەت رەۋىشى.