رەتⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەتلىك تىزىلغان قۇر، قاتار، سەپ:[مىسال:] كىشىلەر خۇددى قايتىدىن ناماز ئوقۇلىدىغاندەك، رەتلىرىنى بۇزۇشماي، ئالدىغا قاراپ دىققەت بىلەن تۇرۇشاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرتىپ، نۆۋەت:[مىسال:] نەسىھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىشىلەر رەت بويىچە پەردىشەپ ئاستىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، مەرتەم:[مىسال:] مەن ئۈستەل سائىتىنى بىرنەچچە رەت قولۇمغا تۇتۇپ تىڭشاپمۇ باقتىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوشلۇق كاتەكچىسىدىكى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بىر-بىرىگە ئۇلىنىش ئارقىلىق تىزىلغان تۈگۈنلەردىن ھاسىل بولغان گېئولوگىيىلىك شەكىل.