Uyghur主要词典
رەسا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يېتىش، يېتىۋېلىش. يېتىشۋېلىش:
گەرچە تەرىقەتتە ئەمەسمەن رەسا،
تۈشە قىلاي سەبۇر تەۋەككۇل ئەسا.
زەلىلى.
نەھەددى كىمسەنىڭ باردۇر بىلىشدە ساڭا تەڭ ئولغاي،
فلاتون ئافەرىن ئەيلەر سېنىڭ ئەقلى رەسايىڭغە.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تازا، ئۈستۈن، تولۇق، يېتەرلىك، تولغان، يېتۈك، پۈتۈنلەي، تۈگەل.