Chinese→Uyghur主要词典
人文主义史学
دۇنيا تارىخى
گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقى
ياۋرۇپا ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە تارىخنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىئىنەزەر بويىچە تەتقىق قىلىدىغان دەسلەپكى بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقى: دەسلەپتە خرىستىئان دىنىدىكى ئىلاھىيەت تارىخشۇناس كۆز قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، <تەۋرات> تىكى ئاساسسىز نەرسىلەرنى تارىخ دەپ قاراشقا قارشى تۇرۇپ، يەھۇدىيلار تارىخى ۋە چېركاۋ تارىخى ئاساسىي مەزمون قىلىنغان تارىخ تۈزۈش سسىتىمىسىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە زور كۈچ بىلەن قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، قەدىمكى تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىنى ئۈلگە قىلغان. ئادەم ئىش ئۈستىدىكى خاتىرىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغان. سىياسىي - ھەربىي ئىشلار تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، تارىخنى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ كۈرەش قورالى قىلىشنى تەكىتلىگەن. بۇ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئىتالىيىدە بىرقەدەر تەرەققى قىلغان، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن برۇنى، بوكېئو، بىئاندۇ، ۋارا قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ماچىئاۋېللى، گۇچى ئادىنلار ھەممىدىن داڭلىق ئىدى. ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بىلەن بىللە، غەربىي ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردىمۇ راۋاج تاپقانىدى. فرانسىيىدىكى مېنس، بودان دائوبىگېنى؛ ئەنگلىيەدىكى كامدېن؛ گوللاندىيىدىكى خوفت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەشھۇر تارىخشۇناس ئىدى. ئىنسانپەرۋەر تارىخشۇناسلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىنقى زامان غەرب بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن.