Chinese→Uyghur主要词典
人身保护法
قانۇن
rén shēn bǎo hù fǎ
جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش قانۇنىDئەدلىيە
rén shēn bǎo hù fǎ
جىسمانىي قوغداش قانۇنى
دۇنيا تارىخى
جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش قانۇنى
ⅩⅤⅡ ئەسىردە ئەنگلىيە دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان <جىسمانىي ھوقۇق> قا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن. خۇيگ پارتىيىسى ستۇئارت خاندانلىقىنىڭ ئۆز پارتىيە ئەزالىرىنى خالىغانچە قولغا ئېلىشىغا ۋە مۇددەتسىز قاماپ قويۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا، 1679-يىل 5-ئاينڭ 26-كۈنى كورۇل چارلېس Ⅱ نى بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ قانۇن 1816، 1862-يىللىرى تولۇقلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: قولغا ئېلىنغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە <جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش بۇيرۇقى> نى چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە قولغا ئېلىنغۇچىنى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە دېلو ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر سوت مەھكىىسى تۇتۇپ تۇرۇشقا يوللۇق ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، قولغا ئېلىنغۇچىنى قويۇۋەتسە بولىدۇ؛ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىنغان كىشىنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش كېچىكتۈرۈلگەن بولسا، كۆپلەپ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىلسە بولىدۇ. ئەنگلىيىىكلەرنى ئەنگلىيىنىڭ ھەرقانداق مۇستەملىكىسىگە سۈرگۈن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ ۋەھاكازالار. بۇ قانۇن لايىھىسى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان، شۇنىڭدەك ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە تەتبىق قىلىنمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىيە بۇرژۇئا ئالىملىرى بۇ قانۇننى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ بىرى دەپ ماختىغان.