Chinese→Uyghur主要词典
韧皮部
دېھقانچىلىق
rèn pí bù
پوست قىسمى چىكلىكىDئورمانچىلىق
rèn pí bù
فلويما، ئەۋرىشىم قىسىمDئۇنىۋېرسال
rèn pí bù
فلوئېماDئورمانچىلىق
rèn pí bù
فلوئېما، ئەۋرىشىملىك پوست
بىئولوگىيە
ئەۋرىشىملىك قىسىم
ئۆسۈملۈك قاناللار باغلىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئورگانىك ماددىلارنى توشۇش ۋە تىرەك بولۇش رولى بار. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشىملىك قىسمى غەلۋىرسىمان قانال، ھەمراھ ھۈجەيرە ئەۋرىشىملىك قىسىم تالاسى ۋە ئەۋرىشىملىك قىسىم نېپىز پوسلۇق ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلىدۇ. غەلۋىرسىمان قانال توشۇغۇچى توقۇلمىغا كىرىدۇ، ئۇ ئەۋرىشىملىك قىسىمنىڭ قىسىم تالاسى مېخانىكىلىق توقۇلمىغا كىرىدۇ، نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرە پوستلۇق توقۇلمىغا كىرىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە تىپىك غەلۋىرسىمان قانال ۋە ھەمراھ ھۈجەيرە بولمايدۇ، پەقەت غەلۋىرسىمان ھۈجەيرە بولىدۇ.بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشىملىك قىسىم تالاسى ياغاچقا ئايلانغاندىن سىرت، باشقا ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تالالىق پوستى ساقلىنىدۇ. ئىپتىدائىي ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتتىن بىۋاستە دىففېرېنسىيىلىنىپ ھاسل بولغان ئەۋرىشىملىك قىسىم دەسلەپكى ئەۋرىشىملىك قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ئۆسۈشىدىن ھاسىل بولغىنى كېيىنكى ئەۋرىشىملىك قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ. ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردە كېيىنكى ئەۋرىشىملىك قىسىم ئۈزلۈكسىز پەيدا بولسىمۇ سىرتقى تەرەپتىكى ئەۋرىشىملىك قىسىم توختىماي تۆكۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن، ئومۇمىي مىقدارى ئاشمايدۇ. ئادەتتىكى قوۋزاقنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى يۇمشاق قىسمى كېينكى ئەۋرىشىملىك قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.