Chinese→Uyghur主要词典
人民共和党
دۇنيا تارىخى
خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى
فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات پارتىيە. 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. كاتولىك مۇخلىسلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بەزى كاتولىك دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكاپەرەس مالىيە گورۇھلىرى بىلەن ئالاقىسى بار. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پېدۇر، موررس، شۇمان ۋە فلىنمۇران قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەسلىدە پارلامېنت ئىچىدىكى چوڭ پارتىيە بولۇپ، كۆپ قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 50 - يىللاردىن كېيىن، سىنىپىي كۈرەش كەسكىنلىشىپ، ئىككى قۇتۇپقا ئوچۇق - ئاشكارا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالماي، كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاشقان. 1965 - يىلى 10 - ئايدا باشقا پارتىيە - گورۇھلار بىلەن بىرلىشىپ زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا يەنە <دېموكراتىيە مەركىزى> گە قاتناشقان. لېكىن 9671، 1968 - يىللاردىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھەممىسىدە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ھازىر خۇددى بىر سىياسىي كۇلۇپتەك بولۇپ قېلىپ، فرانسىيىدە تەسىرى قالمىدى.