Uyghur←Chinese主要词典
رەنلىشى خاتىرىلىرى
دۇنيا تارىخى
燃藜室记述
rán lí shì jì shù
كىتاب ئىسمى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي كىتاب. بۇ كىتابنى لى كىنىيى (1736 - 1806) تۈزگەن. مۇھىم ۋەقەلەر مەركەز قىلىنىپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن. بۇ كىتاب جەمئىي 59 توم بولۇپ، ئەسلى نۇسخا، داۋامى ۋە قوشۇمچە دەپ بۆلۈنگەن. ئەسلى نۇسخىغا تەيزودىن بۇيانقى ھەر قايسى سۇلالىلەردىكى زور ۋەقەلەر كىرگۈزۈلگەن. نەقىل كەلتۈرۈلگەن كىتابنىڭ ئىسىملىرى ئېنىق يېزىلغان. قوشۇمچە توپلامدا مۇراسىم، ۋقە، تارىخىي ھۆججەت، ئەدەبىيات، ئاستورونومىيە، جۇغراپىيە قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى بايان قىلىنغان، نەقىل كەلتۈرۈلگەن كىتابنىڭ ئىسمى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ كىتابتا ئەسلى خالىغانچە قىسقارتىلمىغان، تەھرىرمۇ ھېچقانداق مۇلاھىزە يۈرگۈزمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى خېلى يۇقىرى. چاۋشيەن نەشرىياتى نەشر قىلغان 33 توم ئەسلى نۇسخا، 7 توم داۋامى، 19 توم قوشۇمچە نۇسخىسى خېلى توغرا بولغان.