Chinese→Uyghur主要词典
人类起源论
دۇنيا تارىخى
ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى
ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەندىكى ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نەزەرىيىسى ئۈستىدىكى ماتېرىيالىزملىق، ئىلمىيىلىك بىلەن ئىدېئالىزملىق ۋە دىنىي ئىلاھىيەتلىك كۆز قاراشلار ئەزەلدىن قارىمۇ - قارشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان، قەدىمىي بىئولوگىيە، قەدىمىي گېئولوگىيە، ئانتىروپولوگىيە، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ماركسىزملىق ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىگە ئاساس سالدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا <ئادەمنى خۇدا ياراتقان> دەيدىغان ئىدېئالىزملىق نەزەرىيە ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلىندى، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە مۇنداق ھېسابلايدۇ: (1) ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى، ئادەم ھايۋانات دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، ھايۋانات دۇنياسى - جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچتىكى مەھسۇلى. دەسلەپكى ھايۋانات بارا - بارا تەرەققىي قىلىشى بىلەن سانسىز سىنىپ، ئەترەت، ئائىلە، ئۇرۇقداش ۋە تۈردىكى ھايۋاناتلار بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان ئادىمى ھايۋانات دۇنياسىدا سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، پرىمانلار ئەترىتى، ئادەم ئائىلىسى، ئادەم ئۇرۇقدىشى، ئەقىللىق ئادەم تۈراى، ھازىرقى زامان ئادىمى (ياكى يېڭى ئەقىللىق ئادەم) نىڭ سۇب تۈرى ھېسابلىنىدۇ. (2) ئادەملەرنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا. ئولىگوتېسىن دەۋرىدە (تەخمىنەن 30 مىليون يىل ئىلگىرى) ئىسسىق بەلباغدىكى يامغۇر كۆپ ياغىدىغان ئورمانلىقلاردا ياشىغان بىر خىل قەدىمكى مايمۇنلار (دەسلەپكى مايمۇن، مىسىر قەدىمكى مايمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھازىرقى زامان ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى ئىدى. ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئادەم ئىرقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل ئادەمسىمان مايمۇنىدىن كېلىپ چىققان (بىر ئەجدادلىق نەزەرىيە) دېمەك، ھەر خىل ئىرقتىكىلەر كۆپ خىل ئادەمسىمان مايمۇنلىرىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان كۆز قاراش (كۆپ ئەجدادلىق نەزەرىيە) ئاساسسىز. (3) قەدىمكى مايمۇنلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن، مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش جەريانىنىڭ ئاساسىي ھالقىلىرى ئاساسەن مۇنداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: مىسىر قەدىمكى مايمۇنلىرىدىن ئولىگوتېسىن دەۋرى، تەخمىنەن 30 مىليون يىل ئىلگىرى، مايمۇنلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، قەدىمكى ئورمان مايمۇنىغا (مىيوتىسېن دەۋرى، تەخمىنەن 20 مىليون يىل ئىلگىرى، يەنىلا مايمۇنلار قاتارىغا كىرەتتى)، ئاندىن يەنە قەدىمكى راما مايمۇنلىرىغا (مىيوتىسېن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىن پىيوتىسېن دەۋرىگىچە، تەخمىنەن 14 - 3 مىليون يىل ئىلگىرى، ئادەم ئائىلىسىگە كىرگەن، مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىكى <شەكىللىنىۋاتقان ئادەم>؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمىي تەتقىقاتتا بەزىلەر قەدىمكى راما مايمۇنلىرى ئىنسانلارغا يېقىن كېلىدىغان ۋە ئافرىقا چوڭ مايمۇنلىرى بىلەن بىر ئەجدادتىن بولغان بىر خىل قەدىمكى مايمۇنلار تېىپىغا كىرىدۇ، ئىنسانلار ئەجدادى بولماسلىقى مۇمكىن دەپ قارىماقتا) ئايلىنىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئادەمسىمان مايمۇنلىرىغا (دەسلەپكى، ئوتتۇرا پلېستوتسېن دەۋرىدىن ئاخىرقى پلېستوتسېن دەۋرىگىچە تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ يىل ياكى 3 مىليون ئىلگىرىدىن باشلاپ ئادەم ئۇرۇقدىشى بولۇپ، <پۈتۈنلەي شەكىللەنگەن ئادەم> گە) ئايلانغان، ئادەمسىمان مايمۇنلىرى يەنە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەملەر (يەنى قەدىمكى ئادەم ئوتتۇرا پلېستوتسېن دەۋرىدىن ئاخىرقى پلېتوتسېن دەۋرىگىچە تەخمىنەن 200 مىڭ يىلدىن بۇرۇن باشلاپ) تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كېيىنكى ئەقىللىق ئادەملەرگە ئايلانغان ( يەنى ھازىرقى زامان ئادەم ياكى ھەقىقىي ئادەم، يېڭى ئادەم، ھولوتېسن دەۋرى، تەخمىنەن 50 مىڭ يىلدىن ئىلگىرى تا ھازىرغىچە). (4) ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا. ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش ۋاقتى تەخمىنەن مىيوتسېن دەۋرىدىن پيوتسېن دەۋرىگىچە يەنى تەخمىنەن 14 مىليون يىلدىن ئىلگىرى، ئورنى ئاساسەن ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەتراپى. (5) مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش سەۋەبى ۋە ھەرىكەتلەندۈرەۈچى كۈچ توغرىسىدا، ئېنگېلس <ئەمگەكنىڭ مايمۇندىن ئادەمگە ئايلىنىش جەريانىدىكى رولى> دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنى ئەمگەك ياراتقان دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، پەقەت ئەمگەكلار مايمۇنلارنىڭ ئۆرە مېڭىشى، قولىنىڭ ئازاد بولۇشى، تىلىنىڭ پەيدا بولۇشى، مېڭىسىنىڭ ۋە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، شۇ ئارقىلىق مايمۇنلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مايمۇنلارنىڭ تەبىئىي ھايۋانات توپىنى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا ئايلاندۇرغان. ھەقىقىي ئەمگەك قورال ياساشتىن باشلانغان، بەلكى قورال ياساش دەل ئىنسانلارنىڭ باشقا ھايۋاناتتىن پەرقلىنىدىغان ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى شۇنداقلا ئادەم بىلەن مايمۇننى ئايرىشتىكى مۇھىم ئالامەت.