Uyghur主要词典
رەنجۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېسەلمەن، دەردمەن؛ ئېزىلگەن؛ كېسەل، كۈچسىز ماغدۇرسىز:
ھەبىبىڭ ھۇرمەتىدىن شەۋقى ئىماننى مەھكەم قىل،
ئۆلەر ۋەقتىدە شەيتان غارەتىدىن قىلماغىل رەنجۇر.
شەۋقى.
تاشىدۇر ھۇققەئى ياقۇت ئارا دۇر،
كۆرۈپ سېھەت تاپار گەر بولسا رەنجۇر.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دەرتلىك، كېسەللىك، سىقىلىش.