Chinese→Uyghur主要词典
人本主义心理学
پسىخولوگىيە
گۇمانىزم پىسخولوگىيىسى
ا 20- ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى ئامېرىكىدا كۆتىرىلىپ چىققان بىخېۋىئورىزمغا قارشى خاھىشتىكى بىر خىل پىسخولوگىيە ئېقىمى. 1962 - يىلى گۇمانىزم پىسخولوگىيىسى شۆبە جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇلار، بىخېۋىئورىزم تەتقىقات نۇقتىسىنى كىشىنڭ تاشقى ھەرىكىتىگە قارىتىپ قويۇپ، كىشىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىنساننى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە ۋە ھېسابلاش ماشىنىشىسى سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈپ قويدى دەپ قارايدۇ. ئۇلار پىسخولوگىيە ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى، كىشىنىڭ ئىچكى ھېسياتىنى، يوشۇرۇن ئەقلىي قابىلىيىتى، مەقسىتى، قىزىقىشى، ھەۋىسى قاتارلىقلارنى ئىنسانلار تەجرىبىسىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار كلاسسك پىسخىك ئانالىز ئىلمىغىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ھەمدە ئۆزلىرىنى پىسخولوگىيىنىڭ ئۈچىنچى لاگىرى دەپ ئاتايدۇ.
مائارىپ
rén běn zhǔ yì xīn lǐ xué
گۇمانىزملىق پىسخولوگىيە