Uyghur←Chinese主要词典
رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى
پسىخولوگىيە
颜色混合
yán sè hùn hé
كۆز تور پەردىسىنىڭ بىرەر جايىغا ھەر خىل ئۇزۇنلۇقتىكى يورۇقلۇق نۇرلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلغاندا، رەڭلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە بىز پەقەت بىرلا رەڭنى سېزىمىز، لېكىن بۇ رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن رەڭلەرنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە رەڭ بولىدۇ، ئىككى خروماتىك رەڭنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن نىم (يېرىم) رەڭ ھاسىل بولىدۇ. مەسلەن: قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭنىڭ ئارىلىشىشىدىن قىزغۇچ رەڭ ھاسىل بولىدۇ، قىزىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭنىڭ ئارىلىشىشىدىن سۆسۈن رەڭ ھاسىل بولىدۇ ۋە باشقىلار، سپېكتىردىكى ھەممە رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن نېيترال ئاق رەڭ ھاسىل بولىدۇ، سپېكتىردىكى بەزى رەڭلەرنىڭ ئىككىسىنى قوشۇپ ئاق رەڭ ياكى ئاچ كۈل رەڭ ھاسىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مەسلەن: سپېكتىردىكى ھەر بىر رەڭ ئۆزىگە ماس باشقا رەڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئاخروماتىك (رەڭسىز) ئاق رەڭ ياكى كۈل رەڭ ھاسىل قىلىدۇ. مۇنداق رەڭلەر قوشۇمچە رەڭلەر دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل رەڭ بىلەن ئاچ ھاۋارەڭ، كۆك رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە رەڭ ھاسىل قىلىدۇ. رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، رەڭدار دائىرىلەر دەپ ئاتىلىدىغان دائىرىلەرنى مەخسۇس ئەسۋاب ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ، بۇ ئەسۋاب «رەڭ ئارىلاشتۇرغۇچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسۋابنىڭ چاقىلىرى تېز ئايلانغاندا چاقلاردىكى ھەر خىل رەڭلەر ئارىلىشىپ مۇئەييەن رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېكسپېرمىنتال تەجرىبىلەردىن مۇئەييەن رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىشى كۆزنىڭ تور پەردىسىدە ئەمەس، مېڭىدە بولىدۇ
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。