Uyghur主要词典
رەڭگە ماسلىشىش
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ كۆزىگە رەڭنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى بىلەن رەڭ سەزگۈسىدە تۇغۇلغان ئۆزگىرىش رەڭگە ماسلىشىش دېيىلىدۇ (رەڭگە كۆنۈكۈش ياكى ئاداپتاتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بىر پارچە يۈزى كەڭ، كۇچلۇكرەك بولغان قىزىل رەڭگە بىر پەس تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، قاراڭغۇراق ئارقا كۆرۈنۈشتىكى سېرىق رەڭگە قارىسان، سېرىق رەڭ يېشىل بولۇپ سېزىلىدۇ. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن سېرىق رەڭنىڭ ئەسلى تۈسى كۆرۈنىدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك يېشىل رەڭگە ماسلىشىپ، ئاندىن سېرىققا قارىساق، ئۇ قىزىل كۆرۈنىدۇ. كېيىن قىزىل كۆرۈنۈش تەدرىجىي سۇسلىشىپ سېرىق رەڭ ئەسلىگە كېلىدۇ. ھەر قانداق بىر خىل رەڭگە ماسلاشقان (كۆنۈككەن) دىن كېيىن باشقا بىر خىل رەڭگە قارىساق، كېيىنكى رەڭدە ماسلاشقان رەڭنىڭ قوشۇمچە رەڭ تونىنىڭ ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. رەڭلىك روشەنلىك دەرىجىسى بىلەن تويۇنۇش دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ، رەڭلىك كۆزەينەك تاقىغاندا باشتا ھەممە نەرسە ئەينەك رېڭىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ رەڭگە ماسلىشىش تۇپەيلىدىن شۇنداق، كېىين تاشقىرىدىكى نەرسىلەر تەدرىجىي ئەسلىي رېڭىگە يېقىنلىشىدۇ. لېكىن رەڭلىك كۆزەينەكنى ئېلىۋەتسەك، باشتا ئەينەكنىڭ قوشۇمچە رېڭىدەك كۆرۈنىدۇ، ماگىزىندىن رەڭلىك مال ئالغاندا رەڭگە ماسلىشىش تەسىرىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك.