Uyghur←Chinese主要词典
رەڭدار پەردە
بىئولوگىيە
虹膜
hóngmó
ئۇ كۆز ئالمىسى دىۋارى ئوتتۇرا پەردىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئوتتۇرا پەردىنىڭ ئەڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان. سىرتقى گىرۋىكى ئوتتۇرا پەردىنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان كىرپىكسىمان تەنىچە بىلەن تۇتاشقان بولۇپ، مۈڭگۈز پەردە بىلەن كۆز ئالمىسى نۇر سۇندۇرۇش قۇرۇلمىسىدىكى كۆز گۆھىرى (لېنزا) ئارىلىقىغا جايلاشقان ھالقىسىمان بىر نېپىز پەردە بولۇپ، مەركىزىدە يۇمىلاق تۆشۈكى يەنى كۆز قارىچۇقى بولىدۇ. يورۇقلۇق نۇرى شۇ يەردىن كۆز ئالمىسىغا كىرىدۇ. رەڭدار پەردە ئاساسەن شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىچىدە قان تومۇرلار، پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە سىلىق مۇسكۇللار بولىدۇ. رەڭگى ئاساسەن تەركىبىدىكى پىگمېنتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە قوڭۇر - قارا بولىدۇ، كۆك ۋە كۈل رەڭ قاتارلىق رەڭلەردىمۇ بولىدۇ. ئىنسانلاردا بولسا، ئىرىققا قاراپ ئوخشاشمايدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. رەڭدار پەردىدە ئىككى خىل سىلىق مۇسكۇل تالا بولىدۇ؛ قارىچۇقنى تارايتقۇچى مۇسكۇل پارا سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولۇپ، نېرۋا غىدىقلانغاندا قارىچۇقنى تارايتالايدۇ؛ قارىچۇقنى ئاچقۇچى مۇسكۇل سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ئىدار قىلىشىدا بولۇپ، نېرۋا غىدىقلانغاندا قارىچۇقنى چوڭايتالايدۇ. رەڭدار پەردىنىڭ ئاساسلىق رولى نېرۋىنىڭ ئىدار قىلىشى ئاستىدا قارىچۇقنى كىچىكلىتىش ياكى چوڭايتىش ئارقىلىق كۆز ئالمىسىغا كىرىدىغان يورۇقلۇق نۇرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي,ئاناتومىيە
虹膜
hóng mó