Uyghur主要词典
رەڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بوياق.
رەڭدار.* رەڭمۇ _ رەڭ.* رەڭلىك مېتال.* رەڭلىك كىنو فىلىمى.* رەڭلىك تېلېۋىزور.* رەڭ بەرمەك.* رېڭى تۇتۇق، رېڭى ئوچۇق.
قامىتىدىن نە پايدا دىتى بولمىسا،
گۈل رېڭىدىن نە پايدا ھىدى بولمىسا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ھىيلە_ مىكىر.
رەڭۋاز، رەڭۋازلىق، رەڭۋازلىق قىلماق.* ئۇرۇشنىڭ بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ ( ماقال ).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۈس، بوياق. كۆچمە مەنىسى: مەھرە، نەپ؛ قان؛ كۆز بوياش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆككە مايىل ئاق تۈس.
ئاتنىڭ ياخشىسى بوز بولىدۇ، ئەرنىڭ ياخشىسى تاز. سۇر ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ سىنى كەتمەس. كۈل رەڭ پاختەك تۈكى رەڭگىگە ئوخشايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددا، نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس تۈسى؛ كۆچمە مەنىدە ئۇپا - ئەڭلىك.
قىزىڭنى رەڭگە ئۆگەتمە، ئوغلۇڭنى بەڭگە. ئەل - يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس. ئەرزاننىڭ بويىقى تېز ئۆڭەر. ئۆڭى ئۆچكەنگە ئۆلمەس. ئۆڭىدىن ئۆرگىلەي، زەپ چىرايلىق قىز ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نەرسىلەرنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددا، بوياق.
جىسىملاردىن چىققان، قايتقان ياكى ئۆتكەن نۇر دولقۇنلىرىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئەزالىرىمىزدا قالدۇرغان تەسىرى.
ھىيلە - مىكىر؛ ساختىلىق، نەيرەڭ.
ئۇرۇشنىڭ بىر جەڭ، توققۇزى رەڭ (ماقال).