Uyghur←Chinese主要词典
رىبۇلوزا - بىس فوسفات كاربوكسىلازا
بىئولوگىيە
二磷酸核酮糖羧化酶
èrlínsuānhétóngtángsuōhuàméi
فوتوسىنتېز جەريانىغا قاتنىشىپ كاربون تۆت ئوكسىدنى تۇراقلاشتۇرۇش جەريانىدا ھالقىلىق باسقۇچلارغا كاتالىزاتورلىق قىلىدىغان بىر خىل كاربوكسىل رادىكاللىق تارماقلىغۇچى ئېنزىم. ئۇ كالۋىن ھالقىسى، كۆلمارال كىسلاتا مېتابولىزمى ھەمدە يورۇقلۇقتىن نەپەسلىنىش جەريانىدا ھالقىلىق باسقۇچلارغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. بۇ ئېنزىم قوش كاتالىزاتورلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئوكسىگېننىڭ ئايرىم بېسىمى يۇقىرى بولغاندا رىبۇلوزا - بىس فوسفاتنى ئوكسىدلاپ فوسفاتلىق گىلىكولىك كىسلاتاغا ئايلاندۇرۇپ، ئوكسىگېنازىلىق رول ئوينايدۇ؛ كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان شارائىتتا، رىبۇلوزا - بىس فوسفاتنى كاربوكسىللاشتۇرۇپ ئىككى مولېكۇلا فوسفاتلىق گېلېستىرىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىپ، كاربوكسىلازىلىق رول ئوينايدۇ. رىبۇلوزا - بىس فوسفات كاربوكسىلازىنىڭ ئوكسىگېن قوشۇش ۋە كاربوكسىلاشتىن ئىبارەت قوش رولى بولغاچقا، ئۇ يەنە رىبۇلوزا - بىس فوسفات نۇكلېئو كېتوزا كاربوكسىلازا - ئوكسىگېنازا دەپ ئاتىلىدۇ.