Uyghur←Chinese主要词典
رىبوزومىلىق
بىئولوگىيە
رىبوزومىلىق RNA
RNA核糖体
RNAhétángtǐ
قىسقىچە rRNA دەپ ئاتىلىدۇ. رىبوزومىنىڭ ئىككى سۇب رادىكالىدا مەۋجۇت بولىدىغان RNA بولۇپ، رىبوزوما ئاقسىلىغا كۇۋالېنتلىق باغ بىلەن تۇتىشىدۇ، ھۈجەيرىدىكى RNA نىڭ تەخمىنەن 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ خىل تىپلىق rRNA نىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ، مەنبەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا چۆكۈش كوئېففىتسېنتى 5 S, 16 - 19 S ۋە 23 - 29 S لىق بولىدۇ. rRNA ھاسىل بولۇشتا DNA پولىمېرازا ھۈجەيرىدىكى مۇئەييەن DNA رايونىدىن rRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسىنى كۆچۈرىدۇ. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە rRNA ئالدىنقى تەنچىسى (P 30) 30 S بولۇپ، RNA ئېنزىمى Ⅲ نىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى بىلەن P 17.5 ، P 25 ۋە P 7 لەردىن ئىبارەت بىر قاتار ئارىلىق تەنچىلەرگە قىسقىرايدۇ، ئاندىن يېتىلدۈرگۈچى ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە، 16 S، 23 S ۋە5 S لىق rRNA ھاسىل بولىدۇ. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېتىللىشىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردىكى rRNA ئالدىنقى تەنچىسى 45 S لىق بولۇپ، پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ سەل - پەل پەرقلىنىدۇ. rRNA نىڭ تەركىبىدە ئاقسىل تەرتىپىنىڭ سىگنالىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە فۇنكىسىيىسى بولمايدۇ.