Uyghur←Chinese主要词典
رىببېنتروپ
دۇنيا تارىخى
里宾特甫
lǐ bīn tè fǔ
(1893 - 1946) فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1938 - 1945). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيىدە ئوقۇغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاۋۋال گېرمانىيە ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن، كېيىن گېرمانىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەلچىلەر ئۆمىكىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ھاراق سودىگىرى بولغان. 1932-يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي گىتلېرنىڭ ئاساسلىق تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسىگە ئايلىنىپ، <رىببېنتروپ ئىش بېجىرىش ئورنى> قۇرغان. 1935-يىلى پەۋقۇلئاددە باش ئەلچى بولۇپ ئەنگلىيە بىلەن <ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمى> ئىمزالىغان. 1936-يىلى ياپونىيە بىلەن <كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى> ئىمزالىغان. 1936 - 1938-يىللىرى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. 1938-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە فاشىستلار گېرمانىيسىنىڭ ھەممە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە دېگۈدەك قاتناشقان ۋە پىلانلىغان. 1945-يىلى گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن دېنتىس تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 9461-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.