Uyghur主要词典
راسكارلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىيىم - كېچەكنى پىچىپ كېسىش ئىشى؛ ئۇستىكارلىق (ماشىنىچىلىقتا).
ئاياغ كىيىمىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن پەرداز قىلىش، پەردازلاش ئىشى (موزدۇزلۇقتا).
غۇلجا خۇرۇمىدىن تىكىلگەن بۇ توپلەينىڭ راسكارلىقى 4 - ئايدا پۈتۈپ 5 - ئايدا قېلىپقا تارتىلغانىدى.
بىرەر ئىش ئۈچۈن ئالدىن قىلىنغان ھازىرلىق، تەييارلىق.
توي راسكارلىقى.
سارىخان ئانا كەچلىك غىزانىڭ راسكارلىقىنى قىلىپ بولۇپ، چېلەكنى كۆتۈرۈپ كۆل بويىغا سۇغا چىقتى.