Uyghur主要词典
راشىدىن سىنان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ھەششانۇنچىلارنىڭ سۈرىيىدىكى داھىيىسى. <شەيخۇل جەبەل> دېگەن نامى بار. ئالمۇت قەلئەسىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ماسيادنى بازا قىلىپ، ئادەملىرىنى سۈرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. سالاھىددىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. سالاھىددىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغاندا، ئەھلىسەلىپ قوشۇنىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ ترىپولى دۆلىتىدىكى رايمۇند Ⅱ (؟ - 1152) نى ۋە ئېرۇسالىم دۆلىتىدىكى كونراد (؟ - 1192) نى ئادەم ئەۋەتىپ ئۆلتۈرگۈزۋەتتى.