Chinese→Uyghur主要词典
染色体显带
بىئولوگىيە
خروموسوما ئاشكارا بەلبېغى
ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ياكى رەڭلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك خروموسومىلاردا يورۇق، قاراڭغۇلۇقى ياكى چوڭقۇر، تېيىزلىكى پەرقلىنىدىغان سىزىقلىق بەلباغلار كۆرۈلىدۇ. ئوخشىمايدىغان خروموسومىلاردا ئاشكارا بەلباغنىڭ ئورنى، سانى، كەڭ - تارلىقى، قېنىق - سۇسلۇقى قاتارلىقلاردىمۇ ھەر قايسىسى ئۆز خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەمدە نىسپىي تۇراقلىققا، تۈرلەرگە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى خروموسومىلارنى تونۇغىلى ۋە پەرقلەندۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خروموسومىلارنىڭ غەيرىي ئۆزگەرگەن نازۇك تۈزۈلۈشىنى توغرا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. خروموسوما ئاشكارا بەلبېغىنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىلدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ: Q بەلبېغى (يالتىراق بەلباغ)؛ G بەلبېغى (گېمزا بەلبېغى)؛ R بەلبېغى (قارشى بەلباغ)؛ C بەلبېغى (غەيرىي خروماتىننى تەشكىل قىلغۇچى بەلباغ)؛ N بەلبېغى (يادروچاقنى تەشكىل قىلغۇچى رايون بەلبېغى)؛ T بەلبېغى (ئالدىنقى دانچە بەلبېغى) قاتارلىقلاردۇر، ئۇلاردىن G بەلبېغى ھەر بىر خروموسومنىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلۇقىغا قېنىق سۇسلۇقى نۆۋەتلىشىپ تارقالغان سىزىقلىق بەلباغ بولۇپ، ھەر قايسى خروموسوملارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ ھەمدە سىزىقلىق بەلباغ ئۇزاققىچە ئاجىزلاشمىغانلىقتىن، ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپتا كۆزەتكىلى بولىدۇ، قوللىنىلىش قىممىتى ئەڭ زور بولىدۇ. Q بەلباغ بىلەن G بەلباغ تەخمىنەن بىردەك بولىدۇ؛ R بەلبېغىمۇ G بەلبېغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئىككىسىدە كۆرۈنىدىغان بەلباغ سىزىقلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىق - سۇسلۇقى ياكى يورۇق - قاراڭغۇلۇقى ئەكسىچە بولىدۇ. C ۋە G بەلباغ تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىش، خروموسومىلارنىڭ ئېۋولۇتسىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.