Uyghur←Chinese主要词典
رامسېس
دۇنيا تارىخى
拉美西斯二世
lā měi xī sī èr shì
قەدىمكى مىسىر 19-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1304 - 1237). سېتىي Ⅰ نى ئوغلى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە نىل دەرياسى دېلتىسىنى ئاچتۇرغان. يېڭى پايتەخت رامسېس ۋە تانىس قاتارلىق شەھەرلەرنى ياساتقان؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش سالدۇرۇپ، ېبېس كاناكدىكى ئامون ئىبادەتىخانىسىنى كېڭەيتىپ ياساتقان، ئابۇ - سىمبېلنىڭ تاش ئىبادەتخانىسىنى قازدۇرۇپ، غايەت زور تاش ھەيكەللەرنى ياساتقان. تاشقى جەھەتتە خېتىت بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيە رايونىنى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. خېتىپ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مۇۋاتتاللىس بىلەن ئورۇنت دەرياسى بيىدىكى كاېشتا جەڭ قىلغان؛ مىسىر ئارمىيىسى مۇشەققەتلىك جەڭ قىلغان، خېتتلارمۇ تالاپەت تارتقان، بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ئەھۋالى ئامون ئىبادەتخانىسىدىكى تاش تامغا ئويۇلغان (ھازىرغىچە قالدۇق ئىزلىرى ساقلانغان). تەخمىنەن مىلادىدىن 1296-يىل ئىلگىرى (ياكى 1280 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن فىرئەۋىن يەنە جەنۇبتا نوبىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ جايدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانىقىنى ئورناتقان. رامسېس Ⅱ دەۋرى مىسىر يېڭى پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن كۈچى ئاجىزلاشقان. فىرئەۋىننىڭ مومياسى ھازىر قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. <كادېش جېڭى> گە قاراڭ.