Uyghur主要词典
راھەت پاراغەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«راھەت - پاراغەت»روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
جاپا، جەبرى، جەبرى - جاپا، مۇشەققەت، جاپا - مۇشەققەت، ئازاب، ئوقۇبەت، ئازاب - ئوقۇبەت، رىيازەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
راھەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش، ھۇزۇر - ھالاۋەت.
- ئەي نائىنساپ، قېچىپ تەگكەن ئېرىڭ ساڭا قانداق راھەت - پاراغەت كۆرسەتتى؟ - دېدى ئۇ سىڭلىسىغا ئاچچىقلىنىپ.