Uyghur主要词典
راھىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: رۇھبان. خىرىستئان دىنىدىكى تەقۋەدارلار، زەھىد، موناخ؛ تەركىي دۇنيا قىلغانلار:
ياراماس قۇلغە ئالۇر ساھىبى،
كېتەر ئۆز يېرىگە ئەمەس راھىبى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنىنىڭ شەيخى، ناماخ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەركىي دۇنيا بولۇپ، ئىبادەتخانىلاردا تائەت - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«راھىب»، «ماناخ» لار ناسارادىن چىقىدۇ.
«شەيخ» گۆرىستاندا بولىدۇ.
«دەرۋىش»، «زاھىت» مۇسۇلمانلاردىن چىقىدۇ.
«تويىن»، «ساڭ» خەنزۇچە: 憎 ،道人 . بۇددىستلاردىن چىقىدۇ.
كاسايا كىيگەننىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس. ماناخ مائاش دېمەيدۇ. شەيخلارغا تەسەللىنىڭ ئالاقىسى يوق، ئېشەك مۈڭگۈز دېسە، خام خىيال قۇرۇق. خالتىدا نېمە بارلىقىنى دەرۋىش ئۆى بىلەر. زاھىتقا سەللە كېرەك ئەمەس، ئاشىققا دەللە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
بۇددا ۋە خرىستىئان دىنلىرىدا ئائىلىنى تەرك ئېتىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ، ئۆمرىنى چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلاردا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشى.