Uyghur主要词典
رافىزىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىچكى قىسىمدا پەيدا بولغان دىنىي مەزھەپ، ئەرەبچە رافىز دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <رەت قىلغۇچى>، <قوبۇل قىلمىغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ دىنىي ئەقىدە مەسىلىلىرىدە سۈننىي مەزھىپى بىلەن مۇۋاپىق مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغۇچىلاردىن تەركىب تاپقانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىئە مەزھىپىدىكى زەيدىلەر دىنىي ئەقىدە جەھەتتە سۈننىي مەزھىپىگە ئەڭ يېقىن بولۇپ، خەلىپىلىكنى تالىشىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، يارىشىپ قېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتكە لايىق ئىز باسارى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسماننىڭ شەرىئەتكە لايىق ئىكەنلىكىنمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ئۈچ خەلىپىدە چوڭ خاتالىق يوق. خەلىپىلەرنىڭ ئۆتكەنكى تۆھپە - سەۋەنلىكلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ. بۇ تەشەببۇسلار تۆت خەلىپىنىڭ نوپۇزىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرگە، قوللانغان پەرمان، سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەشەببۇس شۇ زاماندا گۈللىنىۋاتقان ئەلچىلەرنىڭ سىياسىي، دىنىي تەشەببۇسىغا ماس كەلمىگەنلىكتىن، ئەلچىلەر (شىئەلەر) تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. رافىزىلار (رەت قىلغۇچىلار) قوشۇننى داۋاملىق كېڭەيتىپ، Ⅸ ئەسىردە <ئىمامچىلار> بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن <ئۇن ئىككى ئىمامچىلار> شەكىللىنىدۇ.