Uyghur←Chinese主要词典
رادىئو ئىممۇنىتېتلىق ئېنىقلاش
领域: بىئولوگىيە放射免疫测定法
fàngshèmiǎnyìcèdìngfǎ
ئىزوتوپ بىلەن بەلگە سېلىش تېخنىكىسى بىلەن ئىممۇنولوگىيىلىك تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈپ پايدىلىنىدىغان بىر خىل ئېنىقلاش ئۇسۇلى. رادىئوئاكتىپلىق ئۇسۇل بىلەن بەلگە سېلىنغان ئانتىگېن ھەمدە بەلگە سېلىنمىغان ئوخشاش تۈردىكى ئانتىگېننى ئوخشاش بىر سىستېمىدا ماس ھالدىكى ئانتىتېلا بىلەن رىقابەتلىك رېئاكسىيىلەشتۈرۈلىدۇ. شۇ ئارقىلىق رېئاكسىيە سىستېمىسىدىكى ئۆلچەملىك ئانتىگېننىڭ قويۇقلۇقى مەلۇم بولىدۇ. ئېنىقلىنىدىغان بەلگە سېلىنمىغان ئانتىگېننىڭ مىقدارىغا كەلسەك، بەلگە سېلىنغان ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلا بىرىككەن ۋاقىتتىكى تورمۇزلىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن بەلگە سېلىنمىغان ئانتىگېننىڭ مىقدارىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ مەخسۇسلۇق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى (مىللىمىكروگرامغىچە) بولۇپ، جانلىقلار گرامدىن مىكرو تېنىدىكى مىكرو مىقدارلىق ماددىلارنى ئېنىقلايدىغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋاستە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ مولېكۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. نۆۋەتتە تەجرىبىخانىلاردىكى تەتقىقاتلار ۋە كلىنىكىلىق ماددىلار (مەسىلەن، گورمون قاتارلىق) نى ئانالىز قىلىشتا ئوموميۈزۈك قوللىنىلماقتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。