Uyghur←Chinese主要词典
رادوسلاۋوۋ
دۇنيا تارىخى
腊多斯拉沃夫
là duō sī lā wò fū
(1854 - 1929)، بۇلغارىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1886 - 1887)، 9131 - 1918(. گېرمانىيىنىڭ ھېيدېلبېرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1884 - 1901-يىللىرى ئەدلىيە ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى كۈچەيتىپ، <جاللات> دېگەن لەقەمنى ئالغان. 1887-يىلىدىن لىبېراللار پارتىيىسى )<رادىكاللار گۇرۇھى>( نىڭ يولباشچىسى بولغان. 1913 - 1918-يىللاردا لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر لاگېرىغا قاتناشقان. 1918-يىلى 9-ئايدا ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى يارتىلغاندىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كېتىپ، تا ئۆلگىچە شۇ يەردە ياشىغان.