Uyghur主要词典
قىزىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («قىزى» غا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان) .
قىزىغان ھالەت.
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق (ماقال). * قىزىق ئوچاققا تۇتۇرۇق كەتمەس (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («قىزى» غا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق»قوشۇلغان) .
كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، قىزىقارلىق، ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق.
قىزىق ئادەم. * قىزىق كىنو * قىزىق ۋەقە. * توينىڭ بولغىنىدىن بولىدۇسى قىزىق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل («قىزى» غا پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان) .
قىزىماق قىزىقىش. بىلىۋېلىشقا تىرىشماق، ھەۋەس قىلماق، ئىشتىياق باغلىماق.
ئۇ مۇزىكىغا قىزىقىدۇ. * قىزىق نەتىجە چىقىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىقى.
بۈگۈن كۈن بەك ئىسسىق بولدى. قىزىق ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھارارىتى بەلگىلىك گرادۇستىن يۇقىرى.
سوغۇق(سوغ)
ھارارىتى بەلگىلىك گرادۇستىن تۆۋەن.
ئىسسىت ئۆيۈم - ئىسسىق ئۆيۈم. سۆيمىگەن يارنىڭ لېۋى سوغۇق. ئەركىگە ئاي ئىسسىق، كۈن سوغۇق. سوغۇقتىن قوغدىغان كىيىم ئىسسىقتىنمۇ قوغدايدۇ. تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق. قىزىق تونۇرغا تۇترۇق كەتمەس. ئىسسىق سۇ بىر ۋاقتىدا سوغۇق بولغانلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىقى بار ئوچاق ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھارارىتى، تېمپېراتۇرىسى كۆرۈرۈلگەن، ئىسسىق.
قىزىق چاي.
سۈپ. كۆچمە. كۈلكىلىك؛ ھەيران قالارلىق؛ غەلىتە.
قىزىق گەپ. - * توي دېگەن كىچىك ئىش، ئۇنىڭ نېمە قىزىقى بار؟ - دېدى ئۇ.
سۈپ. كۆچمە. قىزىقارلىق ئىش قىلىدىغان، يۇمۇرلۇق گەپ قىلىدىغان، قىزىقچى.
- يۈز ئاچقۇسى بولماي تۇرۇپ، كېلىننىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتسە، نېمە قىزىقى، - دېدى قاسىم قىزىق.
سۈپ. كۆچمە. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان؛ جەلپ قىلارلىق.
مېنىڭ بۇ ھېكايەم ناھايىتىمۇ قىزىق.
سۈپ. كۆچمە. لەززەت، مەنە.
- ياشاشنىڭ نېمە قىززىقى قالىدۇ دەيسىز؟ - دېدى ئەلى بىر رومكا ئىچىپ.
سۈپ. كۆچمە. قىزغىن.
ئۇلار ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەرنى دىۋانغا چاقىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزىق كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
سۈپ. قىزىغان، قىزىقارلىق، قايناق.
توينىڭ بولغىنىدىن، <بولىدۇ> سى قىزىق (ماقال).
رەۋ. تېز، چاپسان، ئىتتىك، چاققان.
- بالام، نېمە پۇتۇڭغا تاش ئېسىۋالغاندەك ماڭىسەن، قىزىق، قىزىق ماڭساڭ بولمامدۇ، - دېدى ھەلىمە ئاچا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قىزىق، ئىسسىق باھادىر، قەھرىمان.