Uyghur主要词典
قىزىل مىس دەۋرى
دۇنيا تارىخى
برونزا بىلەن تاش قوراللار، مېتال قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارخېئولوگىيىدە يېڭى تاش قورال دەۋرى بىلەن برونزا قوراللار دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋردە كىشىلەر مىس تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغان. بىراق قىزىل مىس يۇمشاق بولۇپ، قورال - جابدۇق ياساشقا ئەپسىز بولغان، ئۇنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكىمۇ يەنىلا تاش قوراللارغا يەتمىگەن. شۇڭا ئەينى زاماندا تاش قوراللار يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە مىسىر قاتارلىق جايلار مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى چاغلارداقىزىل مىس قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان.