Uyghur←Chinese主要词典
قىزىل جەڭچىلەر ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
红色战士同盟
hóng sè zhàn shì tóng méng
گېرمانىيە پرولېتارىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆزىنى قوغداش تەشكىلاتى. 1924 - يىلى تېلىماننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. 1927 - يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا ئىشچىلار ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار تەشكىلاتقا ئايلانغان. 1926 - يىلى بېرلىن، 1928 - يىلى لېيپىسگ قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق نامايىش قىلىپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرغان. 1929 - يىلى ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىپ، مەخپىي كۈرەشكە كۆچكەن، 1933 - يىلدىن كېيىن پائالىيەتتىن توختىغان.