Uyghur主要词典
قىزىلبۇرۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىزىل + بۇرۇن
ئىسىم
تېبابەت
بۇرۇن ئۇچى دائىم قىزىرىپ تۇرىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل تېرە كېسىلى، سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. كېسەللىك دائىم بۇرۇن ئۇچىدا يۈز بېرىپ، ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدا، بۇرۇن ئۇچىدا قىزىل داغ پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي قارامتۇل قىزىلغا ئايلىنىدۇ. بۇرۇننىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرە ياغ بەزلىر يوغىناپ، قاتتىق تۈگۈنچە ھاسىل بولۇپ، سىقسا تېرە يېغى ئېقىپ چىقىدۇ.