—参考资料
قوپال ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر
دۇنيادىكى زامانىۋى قۇرۇلۇشلار
قوپال ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر50 - يىللاردا ئاۋۋال ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. بۇنداق ئىمارەتلەردە سۇۋالمىغان پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا پۇلنى تېجەب قالغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوپال، سۈرلۈك بىر خىل ئۇسلۇب يارىتىپ، كىشىلەرگە پەردازسىز، لېكىن ناھايىتى جانلىق، شوخ تۇيغۇ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.
لوندوننىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى سەنئەت مەركىزى بىلەن لوندون دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى خۇددى غايەت چوڭ ھەم سۈرلۈك ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرىگە ئوخشايدۇ. چوڭ - چوڭ ئۆي دېتاللىرى، توم، قوپال بېتون لىملار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، قوپال ئۇسلۇبتىكى ئېسىل ئىمارەت ھاسىل قىلىنغان.
ئەنگلىيە لېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش سارىيى، دەرسخانا، ئىشخانا ۋە سېخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىنا، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىقتىدارى، قۇرۇلمىسى، ماتېرىياللىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە قاتناش سىستېمىسى ناھايىتى ئاشكارا بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئوچۇق - يورۇق كۆرۈنىدۇ. چاسا شەكىللىك بۇ ئېگىز بىنانىڭ ئاستى تەرىپىدە ناھايىتى زور، ئېغىر ئىككى بېتون قۇرۇلما ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇ ئەسلىدە ئىككى پەلەمپەيلىك سىنىپ بولۇپ، دىڭگىيىپ تۇرغان قۇيرۇق قىسمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。